پولشا پرېزىدېنتى لېخ كاچىنسكىي ئۈچۈن ماتەم بىلدۈرۈلدى

يەكشەنبە كۈنى پولشا خەلقى ئايروپىلان قازاسى بىلەن ۋاپات بولغان پرېزىدېنت لېخ كاچىنسكىي قاتارلىقلار ئۈچۈن ماتەم بىلدۈردى. يەكشەنبە كۈنى چۈشتە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى 2 مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پولشا ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر ھەپتە ماتەم تۇتۇشىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ 12 - ئاپرېل كۈنىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتى.

10 - ئاپرېل كۈنى پولشا پرېزىدېنتى لېخ كاچىنسكىي ۋە ئۇنىڭ خانىمى ھەمدە پولشا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش شىتاب باشلىقى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك پولشا رەھبەرلىرى رۇسىيىنىڭ سمولىنسك شەھىرى يېنىدىكى كاتىن رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ستالىن تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان كاتىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن كېتىۋاتقاندا سمولىنسكىي رايونىدا ئايروپىلان قازاسى يۈز بېرىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان. تاسادىپىي يۈز بەرگەن بۇ پاجىئە پۈتۈن ياۋروپانى قايغۇغا سالغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ماتەم كۈنى ئېلان قىلغان.

مەلۇمكى، 1939 - يىلى، پولشا گىتلېر ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا، بۇ ئۇرۇشقا سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيە تەرەپتە تۇرغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى كۆپلىگەن پولشا ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلىرىنى ئەسىرگە ئالغان ھەمدە ئۇلارنى رۇسىيىنىڭ سمولىنسك قاتارلىق جايلىرىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ، 1940 - يىلىغا كەلگەندە كەڭ كۆلەملىك مەخپىي قىرغىن قىلىۋەتكەن. كاتىن ئورمانلىقىدا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن پولشا ھەربىي خادىملىرىنىڭ سانىنىڭ 20 مىڭ ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار. پولشا ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىن بۇ دېلونى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازا قىلغان پولشا پرېزىدېنتىگە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي ۋە ياۋروپا پرېزىدېنتلىرى تەزىيە بىلدۈرگەن ھەمدە پرېزىدېنت ئوباما ئۇنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قەدرى - قىممىتىنى قوغداشقا ھەسسە قوشقان رەھبەر ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن. لېخ كاچىنسكىي ھايات ۋاقتىدا دادىللىق بىلەن تىبەت داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئەرباب ئىدى.

a