پورتورىكو لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كارايىپ دېڭىزىغا جايلاشقان بىر ئارال. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ ئارال ئامېرىكىغا تەۋە بولغان يۈز يىلدىن بۇيان، مۇستەقىل بولۇش ياكى ئامېرىكىنىڭ 51-شتاتى بولۇش ھەققىدە ئۈچ قېتىم ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسى چىقمىغان. بۇ ئارال ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا سايلىمىغا قاتنىشالمايدۇ، ئامېرىكىغىمۇ باج تۆلىمەيدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھازىرقى پورتورىكولىق بىر ئەزاسىنىڭ قارىشىچىمۇ، ئەگەر پورتورىكو ئامېرىكىنىڭ بىر شتاتى بولسا، بۇ ئارالدىكى 340 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس ئۆزىنىڭ ئىسپانچە تىلىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارالغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا قارىغاندا، پورتورىكونىڭ ھەر زامان پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇش، قىسمەن مۇستەقىل بولۇش، ئامېرىكىنىڭ 51-شتاتى بولۇش ياكى قارام ئارال ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى خەلق ئاۋاز قويۇپ بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئەھۋالى پورتورىكو بىلەن ئوخشايدىغان يەنە گۇئام ئارىلى بار.