ئامېرىكا «پۇدا» كۆمۈرچىلىك شىركىتىنىڭ ئىككى مەسئۇلىنى قۇيمىچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىنى باشقۇرۇش كومىسسىيىسى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقاتقان «پۇدا» كۆمۈرچىلىك شىركىتىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلىنى قۇيمىچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، مانخاتتاندىكى بىر ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

ئاكسىيە باشقۇرۇش كومىسسىيىسى سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان ئەرزىدە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنى بازا قىلغان «پۇدا» كۆمۈرچىلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ مىڭ ۋە شىركەتنىڭ سابىق باش دىرېكتورى جۇ لىپىڭنىڭ شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغانلىقى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ، ئىچى قۇرۇقدىلىپ قالغان بىر شىركەتنىڭ پاي چېكىنى داۋاملىق تارقىتىش ئارقىلىق نەچچە يۈز مىليون دوللار يىغىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«پۇدا» كۆمۈرچىلىك شىركىتى 2009-يىلى 9‏-ئايدىن باشلاپ نيو-يورك ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىشقا باشلىغان. بىراق ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرى باشقۇرۇش كومىسسىيىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاۋ مىڭ بىلەن جۇ لىپىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە «پۇدا» كۆمۈرچىلىك شىركىتىگە قاراشلىق شەنشى پۇدا كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 90% پاي چېكىنى مەخپىي ئۆز نامىغا يۆتكەپ، 2010‏-يىلى 7-ئايدا ئۇنىڭ 49% نى خىتايدىكى باشقا بىر پاي چېكى شىركىتىگە ساتقان.

بىراق «پۇدا» شىركىتى نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىدا داۋاملىق پاي چېكى تارقىتىپ، يۈز نەچچە مىليون دوللار پۇل توپلىغان. شۇنداقلا يەنە چىتى بانكىسىدىن 300 نەچچە مىليون دوللار قەرز ئالغان. ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرى باشقۇرۇش كومىسسىيىسى چارشەنبە كۈنى شىركەت مەسئۇللىرىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغاندىن كېيىن، پۇدا كۆمۈرچىلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكى شىددەتلىك چۈشۈپ، بىر پاي چېكى 17 دوللاردىن ھازىرقى بىر قانچە سېنتكە چۈشۈپ قالغان.