ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى قانۇنسىز ئىئانە توپلاش، بانكىلارنى ئالداپ قەرز ئېلىش ۋە تىجارەتتە ساختا توختام تۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ زور مىقداردىكى پۇلىنى قولغا چۈشۈرۈپ چەتئەللەرگە ئېلىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە 37 دۆلەت بىلەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە تۈزگەن كېلىشىمى مەۋجۇت. مىڭ چىڭفېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانا بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي 2006-يىلدىن بۇيان، 20 دۆلەتتىن پەقەت 250 جىنايەت گۇماندارىنى قايتۇرۇپ ئەكىتەلىگەن. ئەمما، كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ قانۇن سىستېمىسىدىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن، خىتاي ئۆزىنىڭ تەلەپ قىلغان كىشىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىتەلمىگەن. بۇ خىل مىساللاردىن بىرى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كانادادا پاناھلىنىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالغان لەي چاڭشىڭ دېگەن كىشىدۇر. كانادا سوت مەھكىمىسى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى يولغا قويۇلۇۋاتقان ۋە سوراق جەريانىدا قىيىن-قىستاق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولغاچقا، لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان.