خىتاي ستاتىستىكا دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى 3-ئايدا ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.5 پىرسەنت ئۆسكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇشۇ بىر ئايدا يېمەكلىك باھاسى 7.11 پىرسەنت ئۆسكەن، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى 9.5 پىرسەنت، ئۆي باھاسى 6.6 پىرسەنت ئارتقان. دائىرىلەر بۇ يىل 2-ئايدىكى پۇل پاخاللىقىنى 9.4 پىرسەنت، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن 3-ئايدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ 2-ئايدىكىدىن 5.0 پىرسەنت ئۆسكەنلىكى مەلۇم بولغان.
بەزى ئانالىزچىلار، پۇل پاخاللىقى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدەك يەرلىك خەلق بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدىكى كىرىم پەرقى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان جايلاردا تۆۋەن كىرىملىك خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ، تۇرمۇشى ئىلگىرىلەپ ناچارلىشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ۋە مىللىي ئىختىلاپنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يېقىندا پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىش ئۇلارنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئارقا -ئارقىدىن بانكا ئۆسۈمىنى ئۆستۈرگەن ۋە ئامانەت-قەرز بېرىشنى كونترول قىلىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى.
ئانالىزچىلار، پۇل پاخاللىقىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى خىتاي يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ تازا كارغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىتاينىڭ يەنە داۋاملىق ئۆسۈمنى ئۈستۈرۈش قاتارلىق بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقىغا ئۇنىڭ 2008-يىلى يەر شارى مالىيە كرىزىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساسى ئەسلىھەلەرگە سالغان زور كۆلەملىك مەبلىغى تۈرتكە بولغان. ئانالىزچىلار، پۇل پاخاللىقى خىتايدا نوقۇل ئىقتىسادى مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ يەنە كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سالىدىغان جىددىي سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.