پۇتىن رۇسىيە جاسۇسلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى ئېيتتى

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان 10 نەپەر رۇسىيە جاسۇسىنى قوبۇل قىلغان. پۇتىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر رۇسىيە رازۋېتچىكلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇكرائىنىيە زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىغان.

پۇتىن ھەتتا مەزكۇر جاسۇسلار بىلەن بىرلىكتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ئالاھىدە خىزمەتچىلىرىنىڭ ناتسىسلار گېرمانىيىسىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت كىنو فىلىمىدىكى " ۋەتەننىڭ باشلىنىشى" ناملىق داڭلىق كىنو ناخشىسىنى ئېيتقان شۇنىڭدەك يەنە پۇتىن ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

مەزكۇر 10 نەپەر رۇسىيە جاسۇسى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن سېزىلىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپ ئامېرىكا جاسۇسى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغان تۆت نەپەر ئامېرىكىلىقنى ئۆزىنىڭ 10 نەپەر ئادىمى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا پۈتۈشكەن ئىدى.

مەزكۇر ئون نەپەر رۇسىيە جاسۇسى ئىچىدە بىر ئايال بار بولۇپ، ئۇ ھازىر رۇسىيىدىكى ئەڭ داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئاننا دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئايال رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خەۋەرلەردە يېزىلىشىچە، ئۇنىڭ شەھۋانىي پائالىيەتلىرى بىر قىسىم فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، يەنە بىر قىسىم نەشرىيات ئورگانلىرىنى ئۇنىڭ ھېكايىسىنى سېتىپ بېرىش ھەققىدە سودىلاشقان، رۇسىيىنىڭ نېۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەتتا ئۇنىڭ يۇرتى ۋولگوگراد شەھىرىدە مەخسۇس ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، ناخشا ئىجاد قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ھەققىدە يېڭى ناخشىلار پەيدا بولغان. بىراق، ئەڭلىيە پۇقرالىقىدىكى مەزكۇر جاسۇس ئايال ئەڭلىيە تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.