بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۆز تېررىتورىيىسى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار رايونىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىغا قىلغان ھۇجۇمى دەپ جاكارلىدى. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلار بۇ ۋەقەنى، خىتاينىڭ قوراللىق خادىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم دەپ جاكارلىدى.
بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەكېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىدىغان سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن قاغىلىقتا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتى 9 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، ئوق تەگكەن بىر ئۇيغۇر دوختۇرخانىدا ئۆلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە11 ئۇيغۇرنى ئوق بىلەن يارىلاندۇردى. بۇ قانلىق توقۇنۇشتا خىتاينىڭ قوراللىق خادىملىرىدىن ئاز دېگەندە 7 ئادەم ئۆلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ ناھىيىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.