خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان بىر دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بەردى

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان بىر خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسىنى سوتلاپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى سۇينىڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىدىن ليۇ شيەنبىننى كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە تۆھمەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

مەزكۇر سوت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىسيانلىرىنىڭ خىتايغا كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەپ، دېموكراتىيە ئاكتىپلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە نەزەربەند ئاستىغا ئالغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ليۇ شيەنبىننىڭ ئايالى چېن مىڭشيەننىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنكى سوت 3 سائەت داۋاملىشىپ، ليۇ شيەنبىننىڭ يۇقىرىقى جازاغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان. لېكىن بۇ، ليۇ شيەنبىننىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن تۇنجى قېتىم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئەمەس. ئۇ بۇرۇن بىر قېتىم 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

جۈمە كۈنكى سوتقا ليۇ شيەنبىننىڭ ئاكىسىنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، ليۇ شيەنبىن سوتتا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۇينىڭ ج خ دائىرىلىرى ليۇ شيەنبىننى 2009-يىلى 4-ئايدىن 2010-يىلى 2-ئايغىچە چەتئەلدىكى ئۆكتىچى خىتاي تور بەتلىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ماقالە ئېلان قىلىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىرىگە ھاقارەت قىلغان ۋە كومپارتىيە ھۆكۈمىتىگە «ئىستىبدات ھاكىمىيەت» دەپ تۆھمەت چاپلىغان دېگەن سەۋەبلەردىن قولغا ئالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ليۇ شيەنبىننىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، سۇينىڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلدى ۋە ليۇ شيەنبىننى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسئۇلى كەتىرېن بەيبېر، بىر پارچە ماقالە يازغانلىق ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ. بۇ ئادالەتنى كۈلكىلىك نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقتۇر دېگەن.