بۇ خەۋەر مەزكۇر كومىتېت 12 - ئايدا ئېلان قىلغان «خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلار كۆزدىن يىرا بولسىمۇ؛ كۆڭۈلدىن يىراق ئەمەس» ناملىق دوكلات ئاساسىدا قايتا ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، كومىتېتىكى ئالىي تەتقىقاتچى مېدېللىن ئېرب: 2011 - يىلى قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولغان يەنە ئىككى ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ ھازىرغىچە دېرىكى يوق، دېگەن.
خەۋەردە يۇقىرىقى دوكلاتتىن نەقىل ئېلىنىپ، 2002 - يىلى قولغا ئېلىنغان ئابدۇغېنى مەمتىمىن، 2008 - يىلى قولغا ئېلىنغان مەھبۇبە ئابلەش قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىدىكى جازا مۇددىتى بويىچە 2011 - يىلى قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئەمما تا ھازىرغىچە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە يەنە 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل نامايىشى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان دىلشات پەرھات، غەيرەت نىياز قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان ھەمدە بىر قىسىم تىبەت يازغۇچىلار ھەققىدىمۇ خەۋەر بېرىلگەن.
ماقالە مۇنداق ئاياغلاشتۇرۇلغان: كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي «ئۇيغۇرلاردا تېررورلۇق تەھدىتى بار» دېگەن باھانە بىلەن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھەر قانداق قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش سىياسىتى يولغا قويغانلىقى، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، ناھەق جازالاش ۋە قىيىن - قىستاقلارنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەيدۇ.