شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر رايوندا يەنە 23 ئۇيغۇرغا قۇرئان كىرىمى ئۆگەنگەنلىك سەۋەبىدىن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلگەن.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ 4 ئۇيغۇر تۇتقۇنغا ئۇچراش جەريانىدا ھاقارەت، تىل -ئاھانەت، جىسمانىي ھۇجۇم ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. لېكىن ئۇ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىلىك ياكى ئەمەسلىكى، ئەگەر ئۈرۈمچىلىك بولمىسا، قايسى يۇرتتىن كەلگەنلىكىگە دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرمىدى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «قۇرئانى كەرىم» ئۆگەنگەنلىكى سەۋەبىدىن جازالانغان 23 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىرىگە، ئەھۋالغا قاراپ 2 مىڭ سومدىن 5 مىڭ سومغىچە جەرىمانە قويغان.
داۋەن يېزىسى قاراشلىق شۇ رايوندىكى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى رادىئومىزغا ئەسكەرتىپ، بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ چوقۇم تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەڭرىتاغ رايونلۇق دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى بولسا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان. ھەرىكەتنىڭ 20-نويابىردىن كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگە قەدەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دىلشات رىشىت ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 14 كىشى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن تۆتىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.