«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىنىي ئىشلار نىزامى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىدا «قانۇنسز دىنىي ماتېرىياللار» غا زەربە بېرىشكە ئالاقىدار ماددا قوشۇلدى
2012.09.27
يۇقىرىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى ھازىر ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 38 - قېتىملىق دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا ماقۇللاشقا سۇنۇلىدىكەن. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، يۇقىرىدىكى ماددىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دەرۋەقە، خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 6 - ئايدا ھەبىبۇللا ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دىنىي مەزمۇنلاردىكى كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال تارقىتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بازار تەرتىپىنى بۇزۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي خاسلىق تەشەببۇسلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئورنىتىشقا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللار دەپ قارىغانلىقتىن، بۇ خىلدىكى تەشەببۇسلارغا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئەسەبىيلىك» دېگەن ناملار بىلەن زەربە بېرىپ كەلمەكتە، دەپ ئەسكەرتتى.