خىتايدىن ياۋروپا ئەللىرىگە قانۇنسىز يوللاردىن سامساق كىرگۈزگەن ئىككى كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

شۋېتسىيە دائىرىلىرى بۈگۈن ياۋروپا ئەللىرىدە خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن سامساق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى نەپەر ئەنگلىيە پۇقراسى ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى. شۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۋېتسىيە ئارقىلىق ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىگە ئەتكەس قىلغان سامساقلارنىڭ قىممىتى 10 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىن كېلىدىغان كۆكتاتلار باھاسى ھەددىدىن زىيادە ئەرزان بولغانلىقتىن ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلەپ كېتىپ، ياۋروپادىكى يەرلىك كۆكتاتچىلار قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن 2001-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان سامساقتىن 9.6 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىش ئارقىلىق يەرلىك كۆكتاتچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىماقچى بولغان.

ئەمما بۇ خىل تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشى سامساق ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن بولۇپ، 2012-يىلى ئەنگلىيە، ئىرېلاندىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ساقچى دائىرىلىرى قولغا چۈشۈرگەن سامساقنىڭ قىممىتى 300 مىڭ ياۋرودىن ئاشىدىكەن.

شۋېتسىيە دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇ ئىككى ئەنگلىيىلىك سامساق ئەتكەسچىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككىيلەن 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن يالغان ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى قۇرۇش ئارقىلىق، خىتايدىن ئوغرىلىقچە سامساق يۆتكىگەن.