تەيۋەننىڭ «قارا بوران» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى خىتايغا توغرىلاندى

تەيۋەن يېقىندا «قارا بوران 2 ئە» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا لايىھىسىنى تاماملىغان ۋە بۇنى خىتايغا قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.05.28

مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر بومبا 500كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى نىشانغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئۆلكىلىرىنى قارىغا ئېلىقلىق ئىكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان.

ئەمما تەيۋەننىڭ ئەركىنلىك ۋاقتى گېزىتى، نامى تىلغا ئېلىنمىغان بىر ھەربىي ئورگانغا تايىنىپ تۇرۇپ، 100 قارا بوران تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ خىتايغا قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. يەنە تەيۋەننىڭ ئاسىيەاتېنچ ئوكيان مۇاداپىئە ژۇرنىلى مەزكۇر ھەربىي ئەسلىھە ئۈچۈن بىر مىليارد 200 مىليون دوللار خىراجەت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ژۇرنالدا پىكىر بايان قىلغان بىر ھەربىي مۇتەخەسسىس مەزكۇر بومبىلارنىڭ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئۆلكىلىرىدىكى ئايرودروملار ۋە بىر قىسىم مۇھىم ھەربىي بازىلارغا زەربە بېرىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەنە خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ، تەيۋەننىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئاشكارا نىشانغا ئېلىپ باشقۇرىلىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.