بۇ خىتاي گۇماندارلار ئىچىدە 16-ئۆكتەبىر مادرىددا ئېلىپ بېرىلغان تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشكەنلەرمۇ بار.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت سوتقا تارتىلىدىغان خىتاي گۇماندارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەتكەسچىلىك، قانۇنسىز پۇل يۆتكەش، ساختا مال تارقىتىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئىسپانىيە دائىرىلىرى مادرىد سىرتىغا جايلاشقان خىتاي ماللىرىنى توپ تارقىتىش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ئۈستىدىن ئىككى يىل بۇرۇن تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكى خىتاي سودىگەرلەر ئالىي ماركىلىق ساختا ماللارنى ياۋروپا بازىرىغا تارقىتىپ، ياۋروپا بازارلىرىنى قالايمىقان قىلغان ۋە كىرگەن پۇللارنى خىتايغا قانۇنسىز يۆتكىگەن ئىكەن.