قارامايدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگان ئاتا-ئانىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

12-دېكابىر كۈنى قاراماي شەھىرىدە نامايىش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ قارامايلىق بىر تورداشنىڭ ئىنتېرنېتقا يوللىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا قارامايدىكى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىشسىزلىقىدىن شىكايەت قىلىپ نامايىش ئۇيۇشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.12.13

ئۇلار نامايىشنى شەھەرلىك نېفىت شىركىتى دەرۋازىسى ئالدىدا قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تورداش ئىنتېرنېتقا يوللىغان ئۇچۇرىدا، نامايىشچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگان ئاتا-ئانىلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. نامايىشنىڭ شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە داۋام قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

كېيىنكى يىللاردا قاراماي شەھىرىدە سىرتتىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن بولۇپ، قاراماي دائىرىلىرى ھەتتا مەكتەپلەردە كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرەلمەي قالغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاققا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلىپ، نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دەرۋەقە قاراماي شەھىرىنىڭ ئىسمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارامايدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر-خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇش ۋە تاياق يېگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نامايىشلىرى بىلەن كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.