ئۇلار نامايىشنى شەھەرلىك نېفىت شىركىتى دەرۋازىسى ئالدىدا قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تورداش ئىنتېرنېتقا يوللىغان ئۇچۇرىدا، نامايىشچىلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگان ئاتا-ئانىلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. نامايىشنىڭ شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە داۋام قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
كېيىنكى يىللاردا قاراماي شەھىرىدە سىرتتىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن بولۇپ، قاراماي دائىرىلىرى ھەتتا مەكتەپلەردە كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرەلمەي قالغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاققا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭ چەتكە قېقىلىپ، نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دەرۋەقە قاراماي شەھىرىنىڭ ئىسمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارامايدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر-خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇش ۋە تاياق يېگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نامايىشلىرى بىلەن كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.