خىتاي دائىرىلىرى قارامايدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان

خىتاي 12‏-دېكابىر كۈنى قارامايدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋاز قازاق ئاتا-ئانىلارنىڭ نامايىش قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغانلىق خەۋىرىنى قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ دەل 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ 27 يىللىق خاتىرە كۈنى يۈز بېرىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. رادىئومىز نامايىش قىلغان ئاتا-ئانىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق بىر تېلېفون ئۇلانمىدى.

بۇ نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تېلېفونى كونترول قىلىنغانلىق گۇمانى قوزغىغان. تېلېفون ئۇلانغان ئورگانلاردىكى خادىم-ئەمەلدارلار بولسا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. قاراماي شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ بىر خىتاي ئەمەلدارى، ۋەقەنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق مۇخبىرىمىزغا ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولسا، قارامايغا كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

قارىمايدا نامايىش يۈز بەرگەنلىك خەۋىرى تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر بىز» تورىدا ئېلان قىلىنغان. غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلاردا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئىش كۈتۈپ تۇرغان 8 مىڭ كىشىدىن ئىمتىھان ئېلىپ، پەقەت 160 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئىچكىرىدىن مىڭ نەپەر خىتاينى يۆتكەپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يەرلىك ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە قازاق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.