قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسى فىلىم قىلىپ ئىشلەندى

خوڭكوڭدىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا 1994 - يىلى قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىم قاتناشتۇرۇلدى. مەزكۇر ۋەقە 1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قارامايدىكى بىر تىياتىرخانىدا يۈز بېرىپ، كۆپىنچىسى ئۇيغۇر بولغان 300 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئوقۇغۇچى پاجىئەلىك ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.04.01

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىگە دائىر گۇمانلار ۋە سوئاللار تېخى يېشىلمىدى. نېمە ئۈچۈن ئوت تىياتىرخانا چىراقلىرى ئارقىلىق  پەردىلەرگە تۇتۇشۇپ ئوت كۆيۈشكە باشلىغاندا ئوقۇغۇچى بالىلار "رەھبەرلەر ئالدى بىلەن جېنىنى ئەپ قاچسۇن" دەپ توختىتىپ قويۇلدى؟ نېمىشقا چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاقاق ئىدى؟ ئۇلارغا قاچان ئۆلۈم ئىسپاتى بېرىلىدۇ؟

مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى شۈ شىن قارامايدىكى ئوت ئاپىتى توغرىلىق ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمىدە مانا بۇ مەسىلىلەرنى ئىپادە قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 6 سائەت داۋام قىلىدىغان بۇ فىلىمدە ھېچقانداق مۇزىكا ۋە يان بايان ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ماتېرىياللار، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاتا -ئانىلىرى ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەينەن يەر بېرىلگەن. فىلىمدە كىشىگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى، فىلىمدە ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر قىزنىڭ ئاۋازى قاراڭغۇ ئېكراندا بېرىلگەندىن كېيىن ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوتتا كۆيۈپ تونۇغۇسىز بوپكەتكەن يۈزى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىمدە يەنە ئاپەت بولغان نەق مەيدان ۋە دوختۇرخانىغا ئەپ كېلىنگەن جەسەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ قويۇلغان بولۇپ، بۇنى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرى تەمىنلىگەن ئىكەن. فىلىم ئىشلىگۈچى شۈ شىن سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا بەختكە يارىشا پاش بوپ قالماي، ساق - سالامەت فىلىمنى چېگرىدىن ئەپ چىقىۋالغانلىقىنى، ئەمما فىلىمنىڭ خىتايدا كۆرسىتىلىشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى ئىپادە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.