خىتاي قاراماي شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي دائىرىلىرى 7-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى قاراماي شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قارىغاندا مانېۋىر قاراماي شەھىرىدە جۈمە كۈنى باشلىنىدىغان ساياھەت يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىغا توغرا كەلگەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا رايوننىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «كۆپىنچە ھۇجۇملارنى دىنىي ئەسەبىيلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ قارايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ يىل رامزان كىرگەندىن بۇيان خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە روزا تۇتۇش ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىلدىكى ئېغىر بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەكسىچە تەسىر بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكەن ئىدى.