دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىمايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۆتكەن ھەپتە قارىمايدا يۈز بەرگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قارىمايدا شەكىللەنگەن ئەنسىزچىلىك ۋەزىيىتىنى ئاخبارات دۇنياىسىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قارىمايدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز بالىلىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىشتا ۋە يالغۇز ھالدا يول مېڭىشتا ئەندىشە قىلىشماقتا؛ قارىمايدىكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنتىقام ئېلىش شەكلىدە ھۇجۇم قېلىشىدىن ئەنسىرەشمەكتە.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. يەنە دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ۋەلى ھۈسەيىن ئىسىملىك بىر 29 ياشلىق ئىشسىز ياش، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقاتقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەمما بۇ ئۇچۇر، خىتاي دائىرىلىرى ياكى مۇستەقىل ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تېخى ئىسپاتلانمدى. ئەمما مۇخبىرىمىز قارىماي شەھىرىدىكى كوئىنلۇن ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغاندا، بىر نەپەر ساقچى خادىمى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنىڭ راستلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەمما ئۇ ۋەقەنى مىللىي ئۆچمەنلىك ۋەقەسى ئەمەس، پەقەت ئىجتىمائىي توقۇنۇش دەپ چۈشەندۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر سەۋەبلىك، ئۈرۈمچى ۋە قارىماي قاتارلىق خىتايلار كۆپ نوپۇسلۇق شەھەرلەردە، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ھەم مۇداپىئە، ھەم ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن تەييارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا.