قاراماي شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى تارقاقلاشتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلى قاراماي شەھرىدىن ئىنكاس قىلىشىچە، قاراماي شەھىرىنىڭ 40 ‏- رايونىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى تارقاقلاشتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.05.18

بۇ مەھەللە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن نوپۇسسىز ئۇيغۇرلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، مەھەللىدە ئاساسلىقى قارىماي شەھىرىدە كاۋاپچىلىق، قاسساپچىلىق ۋە كۆكتاتچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان.

قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر مەھەللىنى قارىماي شەھىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قاراپ، مەھەللىنى تارقاقلاشتۇرۇش قارارىنى ئالغان. ئىنكاس خەتتە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر مەزكۇر مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە "تەلىم - تەربىيە، تەنقىد ۋە تەھدىت" قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ئاھالىلەرنى مەھەللىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا.

ئوخشاش ۋەقە ئۆتكەن يىلى 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمى ئېقىمىدىن قارىغاندا، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدەك زور بىر ۋەقەنىڭ قارامايدىمۇ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

قارىماي 40 ‏- رايوندىكى ئۇيغۇر مەھەللىسى ئەسلىدە بىر زاراتگاھلىق بولۇپ، يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش كېلىشى ئارقىسىدا مەھەللە بولۇپ شەكىللىنىپ ئاۋاتلاشقان. مەھەللىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مەزكۇر مەھەللىدىكى بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇرنى ئىش ۋە تۇرالغۇ قايغۇسىغا سالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.