مەزكۇر نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىدى ۋە شۇنداقلا غۇلجا ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى، ۋەقەدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئاقلاشنى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى جۈمە كۈنى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەم نامايىشچىلار تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، جاڭ چۈنشيەن ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنمۇ، دائىرىلەر جىنايى ئىشلار ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىدا يەنىلا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ھەم ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى ھازىرغىچە كېچىكتۈرۈپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى ئىلى مەشرەپ ھەرىكىتىنى چەكلەپ، بىر قىسىم مەشرەپ يىگىت باشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ئىلى ياشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋە بۇ شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجىدا نەچچە مىڭ كىشىلىك ياشلار نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى باستۇرۇشى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغان، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.
بۇ ۋەقەدە قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچە ئادەمنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقىغا دائىر بەزى تەخمىنەن سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي سانلىق مەلۇمات يوق. 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن بۇيان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى بۇ ۋەقەنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ.