ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە 3 - يانۋار كۈنى بېيجىڭنىڭ ھەممە يېرىدە قار ياغقان بولۇپ، ھاۋا رايى ئىستانسىسى ۋە 4 - 5 - يانۋار كۈنلىرى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، نۆلدىن تۆۋەن 16 گرادۇسقا چۈشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئېغىر قار نەتىجىسىدە 3 - يانۋار كۈنى 500 يولۇچىلار ئايروپىلانى كېچىككەن ۋە 300 نەچچە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بېيجىڭدىن باشقا يەنە كۆك خوت، شىجياجۇاڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئايرودروملارۇ ئۇچۇش ۋە قونۇشنى توختاتقان.
خىتاي ھاۋا رايى ساھەسى بۇ قېتىملىق قار - شىۋىرغاننىڭ خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل، شىمالىي جۇڭگو ۋە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىي قاتارلىق جايلارغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بۇ جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ بەزى جايلىرىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 19 سانتىمېتىرغا يەتكەن ئىكەن.
قار ھادىسىسى تۈپەيلىدىن تاش يول قاتنىشى ۋە ئالاقە ئىشلىرىدىمۇ مەسىلىلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ 40 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.