قاتار دۆلىتى لىۋىيە مىللىي مەجلىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بۈگۈن ئەرەب دۆلەتلىرىدىن قاتار، لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان لىۋىيە مىللىي مەجلىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قاتار لىۋىيىگە ئۇچۇش چەكلىمىسى قويۇش ھەققىدە ب د ت غا قارار لايىھىسى سۇنغان 3 دۆلەتنىڭ بىرىدۇر.

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ خاماد جاسىم، بۈگۈن يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا لىۋىيە دۆلەت باشلىقى كازافىيغا خىتاب قىلىپ، ئۇنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.

شەيخ خاماد، لىۋىيىدە ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىشنىڭ ۋە تېخىمۇ كۈپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى كازافىينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۈگۈن سۇنۇلغان ئىستېپا تەكلىپىنىڭ، بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن كېيىن سۇنۇلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلار، خەلقئارا بىرلەشمە قوشۇننىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشتىن بىر نەچچە ھەپتە ئاۋۋال، لىۋىيە مىللىي مەجلىسىنى قۇرۇپ چىققان؛ ئىسيان باشلانغاندىن كېيىن كازافىيدىن ۋاز كېچىپ ئىسيانچىلار سېپىگە ئۆتۈپ كەتكەن لىۋىيىنىڭ سابىق ئادالەت مىنىستىرى، لىۋىيە مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. لىۋىيە مىللىي مەجلىسىنى بىرىنچى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت فرانسىيە بولۇپ، قاتار ئىككىنچىسىدۇر.