ياپونىيىدە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇش باشلاندى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ رىكۇزېنتاكاتادىن بايان قىلىشىچە، 3‏-ئاينىڭ 11‏-كۈنى ياپونىيىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە 9 بال يەر تەۋرەپ دېڭىز تېشىپ پەيدا بولغان زور بالايىئاپەتتىن كېيىن، تۇرالغۇلىرى ۋەيران بولغان خەلق ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئۆيلىرىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدى.

ئەمدى بۈگۈن ئاپەتتىن كېيىنكى 10‏-كۈنىدە، تەبىئىي ئاپەتتە ۋەيران بولغان شەھەر ۋە تۇرالغۇلارنى قايتىدىن بىنا قىلىش باشلاندى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتتە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 235 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ. ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى 8646، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 12 مىڭ 877 ئادەمنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى يوق.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىدە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك تەبىئىي ئاپەتتە زەخىملەنگەن يادرو رىئاكتورلىرىغا قارىتا ھازىر قوللىنىلىۋاتقان سۇ بىلەن سوۋۇتۇش تەدبىرى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ، ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى رىئاكتورلارنى سوۋۇتۇپ بولۇشقا كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.