خىتاينىڭ كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رەسمىي دائىرىلىرى 20 نەپەر كىشىنىڭ ھازىرغىچە 7 نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كامبودژاغا قانۇنسىز كىرىپ، ھەم خىتاينىڭ، ھەم كامبودژانىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 20 نەپەر ئۇيغۇرنى كامبودژا ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككىلا دۆلەت خەلقئارا جامائەتنىڭ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلارنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن خىتاي قانۇنىنىڭ مىللەت ئايرىمىچىلىقى قىلمايدىغان ئادالەتلىك قانۇنلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جىنايىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى.
ھازىر خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى كامبودژا ھۆكۈمىتى قىلىنغان بارلىق چاقىرىقلارغا قارىماي، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.