دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند خانىم جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، «بىز خەۋەرلەردىكى خىتاينىڭ ئۇلاردىن ئىككى كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن ئەنسىرىدۇق» دېگەن.
ۋىكتورىيە نۇلاندنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا «خىتاينى 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پانالانغۇچىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە ئىزچىل چاقىرىپ كەلگەن.» ۋىكتورىيە نۇلاند يەنە، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن «خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشنى، ئۇلارغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش» نى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ 20 ئۇيغۇر ب د ت نىڭ كامبودژادىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق سوراپ قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق كامبودژا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى 2009-يىلى 19-دېكابىر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ئامېرىكا مۇشۇ ۋەقە سەۋەبلىك كامبودژاغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ھەربىي ياردىمىنى بىكار قىلغان ئىدى.
كامبودژا 20 ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ 1 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ياردىمىگە ئېرىشكەن. بىراق، خىتاي ئىقتىسادى ياردەم بىلەن 20 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.