ب د ت ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مالايشىيانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ھاياتىي خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتايغا قايتۇرۇلغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

مالايشىيا دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا مالايشىيادا 16 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، 18-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئۇلاردىن 11 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ يەنە قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالى بارلىقى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ئەنسىرىتىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى.