قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

بۈگۈن يەنى 19 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، مىڭلىغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر نامايىشچى، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى غەزەپ - نەپىرىنى ئىپادىلىگەن. نامايىشقا باشلىرىغا ئاق ئاياغلىق سېلىپ ھازىدار قىياپىتىگە كىرگەن ئاياللار ۋە بالىلارمۇ قاتناشقان.

نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، مۇشتلىرىنى شىلتىشىپ " ئۇيغۇرىستانغا ئەركىنلىك" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشتا 5 - ئىيۇل قازا قىلغانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار قىلىنغان.

نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئابدۇرېشىت تۇردىيىۋ سۆزگە چىققان ۋە: " بىز سۈكۈتتە تۇرالمايمىز. ئۈرۈمچىدە قېرىنداشلىرىمىز قانلىق باستۇرۇلدى" دېگەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى زوراۋان ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇلغاندىن كىيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتايغا قارشى ھەر خىل شەكىلدە نارازىلىق نامايىش ئۇيۇتۇش ئۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى.