قازاق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايات ئېلان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قازاقىستان دائىرىلىرى ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن تازىلانغان ئۇران رۇدىسى سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى " پۈتۈنلەي ئاساسسىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ئىران دائىرلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى "ساختا ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان" دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغان، ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان ئىراننىڭ، قازاقىستان دائىرىلىرىدىن 450 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 1350 توننا تازىلانغان ئۇران رۇدىسى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
قازاقىستان ئۇران زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پەقەت ئۆتكەن يىلىدا 13مىڭ 500 توننا ئۇران ئىشلەپ چىقارغان.