خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى باشلانغان ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشلاردا 156 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1080 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 1500 گە يېقىن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ 600 دىن 800 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى، بۇ ساننىڭ يەنە كۆپىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدە تۇرۇۋاتقان قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغا قەدەر 800 ئارتۇق قازاقىستان پۇقراسى بىلەن، 45 نەپەر قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە، قىرغىزىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "ئۈرۈمچىدىكى قىرغىزىستان ئەلچىخانا خادىملىرى ئۈرۈمچىدە قىرغىز ۋەتەنداشلىرىغا ياردەمدە بولۇۋاتىدۇ" دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى بولسا، ۋەقەدە خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتكە دەخلى يەتكۈزمەسلىكىنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىك پوزىتسىيە تۇتقان. تاجىكىستان مەزكۇر ۋەقەگە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.