قازاق يازغۇچى ئولجاس سۇلايمانوف نيۇيوركتا نۇتۇق سۆزلەيدۇ

قازاقىستان يازغۇچىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قازاق ئەلچىسى ئولجاس سۇلايمانوف، مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خاررىمان ئىنستىتۇتىدا ھازىرقى زامان قازاقىستان ۋە ياۋرو ‏ - ئاسىيا ئەدەبىياتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نۇتۇقنى خاررىمان ئىنستىتۇتىنىڭ رۇسىيە، ياۋرو‏ - ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا تەتقىقات مەركىزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نۇتۇق 6 - نويابىر كەچقۇرۇن سائەت 6:30 باشلىنىپ سۆھبەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

قازاق يازغۇچىسى ئولجاس سۇلايمانوف، 1936 - يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان، قازاقىستان ۋە موسكۋادا ئېلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ 1975 - يىلى يازغان "ئازىلا" ناملىق رومانى بىلەن قازاقىستان ۋە ئەينى زاماندىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان. ئولجاس سۇلايمانوف 1989 - يىلى قازاقىستاندىكى يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو بومبىسى سىناق قىلىدىغان ئورۇنلارنى تاقاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان " نېۋادا ‏- سەمەي ھەرىكىتى" نى قوزغاپ سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئولجاس سۇلايمانوف يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بۈيۈك بىرلىكى تەشەببۇسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان قازاق زىيالىيلىرىدىن بىرى ئىكەن.

ئۇ ھازىر قازاقىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى.