شەنبە كۈنى 300 گە يېقىن نامايىشچى ئالمۇتادا قازاق ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان، نامايىشچىلار يىغىلغان يېرىدە قاراشلىق شوئارلىرىنى توۋلاشقان ۋە سەھنىگە چىقىپ بايانات ئېلان قىلغان.
نامايىشچىلار يەنە تۇتۇپ كەتكەن پائالىيەتچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ساقچىخانىغا يۈرۈش قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئەمما ساقچىلار ئىنتايىن كۆپ بولغاچ ئۇلارنى قورشاپ ماڭدۇرمىغان.
بۇ ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل يانۋاردا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا ساختىلىق كۆرۈنگەن. ئۇلار قازاقىستاندا ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
قازاقىستان 1991 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، نۇرسۇلتان نەزەربايۇف پرېزىدېنت بولۇپ كەلمەكتە.
