قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستاندىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، ئىككىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئەرشىدىن ئىسرائىلنى، 30-ماي كۈنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىق باياناتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەيىبلەشلىرى نەتىجىسىدە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 7-ئىيۇن كۈنى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بەردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۆز باياناتىدا، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى 3-ماي كۈنى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرشىدىن ئىسرائىلغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە يازما كاپالەتنامە بەرگەندىن كېيىن، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 30-ماي كۈنى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسى خادىمى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىغا ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن بىكار قىلىنغانلىقىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى ئىزاھلىمىغان ئىدى.