قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دۆلەت دەرىجىلىك بايرام قىلىپ بېكىتىلدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 7-ماي كۈنىنى دۆلەت بويىچە بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ كۈن 7-ماي ۋەتەننى قوغدىغۇچىلار بايرىمى، يەنى ئارمىيە بايرىمى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قانۇن قازاقىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ قازاقىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 7-ماي كۈنى ئەمەلىيەتتە نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ چوڭ قىزى دارىگا نازاربايېۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن.

ھەتتا نۇرۇسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان 6-ئىيۇل كۈنىمۇ پايتەخت ئاستانانىڭ قۇرۇلۇش بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنتنى بۇ ئىش بىلەن تەنقىد قىلماقتا، ئەمما بۇ مەخسۇس شۇنداق توغرىلانغانمۇ ياكى بىر تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم.