قازاقىستان پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاندىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى قانۇننى ئىمزالاپ، ئىجراغا قويىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن يولغا قويۇلسا، قازاقىستاندىكى بارلىق كىچىك دىنىي تەشكىلاتلار تاقىلىدۇ، ئۇلار ئىشىكىنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن دۆلەتتىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك.

رۇخسەت بېرىلمىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقانداق يوسۇندىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىدا ناماز ئوقۇش چەكلىنىدۇ.

قازاقىستان پارلامېنتى مەزكۇر قانۇن قازاقىستاندا دىنىي ئەسەبىيلىكىنىڭ يېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئەمما قانۇنغا قارشى چىققۇچىلار بولسا بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

قازاقىستاننىڭ نوپۇسى 16 يېرىم مىليون بولۇپ، خەلقنىڭ 70 پىرسەنتى مۇسۇلمان.