قازاقىستان ئىرانغا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ساتماقچى بولغانلىقىنى رەت قىلدى

چارشەنبە كۈنى قازاقىستان بىلەن ئىران، قازاقىستاننىڭ ئىرانغا بىر توننا 300 كىلوگرام قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ساتماقچى بولغانلىقىغا دائىر مەتبۇئات خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلدى. ئانالىزچىلار، ئەگەر قازاقىستان ئىرانغا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ساتسا، بۇ ب د ت نىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگو قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىرانغا ئۇرانيۇم ساتماقچى بولغانلىقىنى رەت قىلدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، قازاقىستاننىڭ ئىرانغا 450 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ساتماقچى بولغانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم تۈزۈشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىراننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئىيان كەللىي سەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ب د ت نىڭ ئېمبارگو قارارىدا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىرانغا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران سېتىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا ھەرگىز كۆز يۇممايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىران يادرو قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىدى يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. لېكىن ئىران يادرو قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش يولىدىكى تىنچ مەقسەتلەرنى چىقىش قىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرماقتا.