ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەھكۇملار قازاقىستاننىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە قېزىش ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، ئۇلار قازاقىستاننىڭ مەزكۇر ساھەگە ئائىت مەخپىي ھۆججەت ۋە مەلۇماتلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەن.
يەنە خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مەھكۇملار سوت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىق قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغان. قاراغاندا سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئاخبارات ساھەسىگە بەك كۆپ مەلۇمات بەرمىگەن؛ پەقەت مەزكۇر جاسۇسلۇق پائالىيىتىنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى دەخلىگە ئۇچراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ، قازاقىستاندا خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشىدۇر. قاراغاندا قازاقىستاندىكى 4 چوڭ شەھەرنىڭ بىرى، ئۇ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ۋە سانائەت شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.
قاراغاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىتتىپاقنىڭ 3-چوڭ كان مەھسۇلاتلىرى بازىسى ئىدى.