ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، "قازاقىستاننىڭ مائارىپ سىياسىتىنىڭ پرىنسىپلىرىدىن بىرى مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىشنى شەكىللەندۈرۈش" دەپ كۆرسەتكەن. ساربېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستاندا 79100 بالا ئۆزبېك تىلىدا، 14700 بالا ئۇيغۇر تىلىدا، 3600 بالا تاجىك تىلىدا ئوقۇيدىكەن. باشقا يەنە 19 مىللەتتىن بولغان 14500 بالا 104 مەكتەپتە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى مەخسۇس ئايرىم دەرسلىك سۈپىتىدە ئۆگىنىدىكەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن قازاقىستان تەۋەسىدە 60 قا يېقىن ئۇيغۇر مەكتىپى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مەخسۇس ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، قالغانلىرى ئۇيغۇر-رۇس ياكى ئۇيغۇر-قازاق ئارىلاش مەكتەپلەر بولۇپ، بۇ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا بارلىق دەرسلەرنى ئۆگىنىدۇ.
ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر تىلشۇناس دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغاندەك قوش تىللىق مائارىپ نامى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەن.