ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ مۇنداق قىلىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان قازاقىستان بىلەن خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئالىدىغان مەنپەئەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا خىتاي تەرەپ قازاقىستانغا 10 مىليارد دوللار قەرز بېرىش كېلىشىمى ئىمزالانغان.
ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت جەمەتىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى مونوپول قىلىۋالغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا تايىنىپ، بېيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە ئىدى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ « جاش ئالاش» گېزىتىمۇ دائىم ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قازاقىستانغا ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
خىتاي-قازاقىستان ھەمكارلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ يىل 11-ماي كۈنى قازاقىستاندىكى بارلىق دېموكراتىك ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىرلىكتە 28-ماي كۈنى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي تەسىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.