قازاقىستان نېفىت شەھىرىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋاقتىنى ئۇزارتتى
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالماتادىن بايان قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازەربايېف بۈگۈن، قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك-جانائۈزەن نېفىت شەھىرىدە ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت قانۇنىنىڭ ۋاقتىنى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاندىكى بۇ ئەڭ چوڭ نېفىتلىكتە ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتتە 16 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا ھوقۇقتىن قول ئۈزمەي كېلىۋاتقان 71 ياشلىق پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نازەربايېف بۇ نېفىتلىكتە يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا، 2011-يىلى 17-دېكابىر كۈنى بۇ شەھەردە 20 كۈنلۈك جىددىي ھالەت جاكارلىغان ئىدى.