خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نېفىت ئىشچىلىرى قورسىقىنى يېرىۋېلىش، يوللارنى توسۇۋېلىش، ئاچلىق ئېلان قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى ئىپادىلىگەن.
نېفىت ئىشچىلىرى بۇنداق قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 40 كۈندىن ئاشتى. ھەرىكەتكە قاتناشقان ئادەم سانى يۈزدىن ئاشتى. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېخىچە نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، 26 -ماي كۈنى، قازاقىستاننىڭ لوندون بىلەن ھەمكارلاشقان قازاق مۇنايگاز شىركىتىدىكى 900 ئىشچىنىڭ 600 ئى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان قارشىلىق ھەرىكەتنى، شىركەتنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارلىرى «قانۇنسىز ھەرىكەت» دەپ جاكارلىغان ئىدى.