قازاقىستاندا نازاربايېف نامىغا مۇناسىۋەتلىك «تۇنجى پرېزىدېنت بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 1 - دېكابىر كۈنىنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «تۇنجى پرېزىدېنتى خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىشنى بەلگىلىدى. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئەنە شۇ قارار بويىچە قازاقىستانلىقلار ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ1 - كۈنىنى دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلەيدۇ ھەمدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، زاۋۇت - كارخانىلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا بارلىق ئورۇنلارنىڭ پۇقرالارنى بىر كۈنلۈك بايرام ئۆتكۈزۈشكە قويىۋېتىشى شەرت.


بايرامنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، 1991 - يىلى، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ 97% ئاۋاز بىلەن قازاقىستاننىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس تۇنجى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ شەرىپى ئۈچۈن دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇننى نازارابيېف ئۆزى تەستىقلىغان.

ئەلۋەتتە، ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاۋازى كۈچكە ئىگە بولالمىغان.