مەلۇم بولۇشىچە، نازاربايىف بۇ قارارنى ئېلان قىلىشتىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى، قازاقىستان ئالىي سوت كېڭىشى ھۆكۈم چىقىرىپ، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ نۇرسۇلتان نازاربايىفنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2020- يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارىنىڭ قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى مۇشۇ ئاينىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2020-يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنلىكى ھەققىدە، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پۇقرالار رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىكەن.
قازاقىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقرالار رايىنى سىناش ئارقىلىق پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى بەلگىلەش، قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدىكى قائىدە-پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايىف يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ كونكرېت ۋاقتى ھەققىدە توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.