قازاقىستاندا سايلام پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتتى، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن ئۈمىدسىز

قازاقىستاننىڭ سايلام پائالىيەتلىرى پەيشەنبە كۈنى رەسمىي باشلاندى. قازاقىستاندا كېلەر ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا 4 نامزات پرېزىدىدېنتلىق مۇسابىقىسىگە چۈشمەكچى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامزاتلار ھازىرقى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف، كوممۇنىست پارتىيە باشلىقى جامبۇل ئەخمەتبېكوف، مۇھىت تەشكىلاتى باشلىقى مېلىس ئېلۇسىزوف ۋە پارلامېنت ئەزاسى غانى قاسىموف قاتارلىقلار ئىكەن.

نۇرسۇلتان نازاربايېف مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سايلامنىڭ ئادىل ۋە تەرەپسىز ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، سايلام پائالىيەتلىرىدە ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تەشۋىقات ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇ سايلام نەتىجىسىنىڭ ئاللىقاچان نازاربايېفنىڭ پايدىسىغا چىقىدىغان قىلىپ توغرىلىنىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چۈنكى، نازاربايېف يېقىندا نامزاتلارنىڭ قازاقچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك رەقىبلىرىنى شاللاپ بولغان ئىدى. ئىمتىھاندىن ئۆتكەن 11 نامزاتقىمۇ 90 مىڭ قوللاش ئىمزاسى شەرتىنى قوشۇپ، نەتىجىدە 4 لا نامزات قالغان ئىدى.

سىياسىي ئانالىزچى دوسىم ساتپايېف فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە بەرگەن بايانىدا «بۇنىڭغا ئوخشاش، ھېچقانداق باشقا بىر تاللاش ئىمكانى بېرىلمىگەن ۋە كىمنىڭ يېڭىپ چىقىدىغانلىقى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان سايلام ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېگەن.