قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، «چاخچاق كۇلۇبى»نىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك پائالىيىتىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ بىر تەركىبى بولغان يۇمۇر ۋە چاقچاقلار كۆرسىتىلگەندىن تاشقىرى يەنە بۇ پائالىيەتتە قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشا چولپانلىرىدىن تاھىر ئىبرايىموف، ئالىمجان، ئادىك ئابدۇقاھاروف ۋە ئادىك جانادىلوف قاتارلىقلار ناخشا ئورۇندايدىكەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرى تەشكىللىگەن ۋە مۇرات ئەيساروف يېتەكچىلىكىدىكى مەخسۇس ئۇسۇل گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدىغان «باھار» گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى ئورۇندايدىكەن.
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا، ئۆتكەن يىلى، ئۇلار مەشھۇر ئۇيغۇر مىللىي قەھرىمانى غەنى باتۇرنىڭ خاتىرە ھەيكىلىنى يېڭىلاش قاتارلىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن، تېخى يېقىندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي ئىنتەرنەت تور بېتىنىنىڭ ئېچىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىن، مۇرات ناسىروف، دىلناز ئەخمەدىيېۋا كەبى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تونۇلغان ئارتىستلار، زاكىر توختىيېف، ئەخمەت جەلىلوف، ھېيتاخۇنوف كەبى دۇنيا، ئاسىيا، ياۋروپا ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا تەنھەرىكەت چېمپىيونلىرى ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە قازاقىستانغا زور ھەسسە قوشقان شەخسلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.
ئالدىنقى يىلى ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن«شەپقەت ئۇيغۇر تىياتىرى»نىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھىغا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكىدە بىر ئۇيغۇر قىزى «نېمە قىلدۇق ئۇيغۇر ئۈچۈن» ناملىق ناخشىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى تىترەتكەن ئىدى.