جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئوقۇلدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.05.16
2012.05.16
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئېللايت كافېدراسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت پروگراممىسى مۇدىرى پروفېسسور سېئان بۈگۈن ئوقۇغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دېگەن تېمىدىكى لېكسىيىدە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى سوتسىيالىزمچە دىنسىزلىقنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قايتىدىن گۈللەندۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنىڭ يىگىرمە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئوينىغان رولى، ھەر قايسى سىياسىي ھەرىكەتلەردە تۇتقان ئورنى قاتارلىقلارنى يورۇتۇپ بېرىشكە تېرىشقان.