خىتاي ۋە قازاقىستان ئالىي رەھبەرلىرى ئاستانادا ئۇچراشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 12-ئىيۇن كۈنى چۈشتە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا يېتىپ كېلىپ، قازاقىستانغا قاراتقان دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى.

قازاقىستاننىڭ دۆلەتلىك ئاگېنتلىقى «كازىنفو» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزى ئايرودرومغا چىقىپ قارشى ئالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىلەن نۇرسۇلتان نازاربايېف مەخسۇس ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

خۇ جىنتاۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ئاستانادا ئېچىلىدىغان يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا «جۇڭگو-قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇھىم ھەسسە قوشتى» دەپ باھا بەرگەن. خۇ جىنتاۋ يەنە قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ 2005-يىلى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن بىرى «تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە» قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قازاقىستان خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق سىياسىي ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بېرىپ كەلمەكتە.

قازاقىستان ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئەرشىدىن ئىسرائىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باش پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى بولۇپ، بۇ يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىقىغا يېڭى ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنى قوبۇل قىلىش ھەم باشقا بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى.