قازاقىستان بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىرلەشمە باياناتى ئىمزالىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازەربەيېف بىلەن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىرلەشمە باياناتى ئىمزالاپ، 2015‏-يىلى ئىككى تەرەپ سودىسىنى ھازىرقى 20 مىلياردتىن بىر قاتلاپ 40 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نازەربايېف ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىرلەشمە باياناتى ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلدى. بۇ ناھايىتى مۇقىم ئاساسقا تايانغان شۇنداقلا بىز ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن» دەپ تەكىتلىگەن.

ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك شېرىكلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىرلەشمە باياناتى تەپسىلاتى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىياتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خۇ جىنتاۋ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشتىن سەل بۇرۇن، قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان نىشانىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى شارۇن خۇم، خىتاي بىلەن قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈندىن باشلاپ، ئاستانادا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.