ياۋروپا ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالغا پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋىلادىمىر قوزىلوۋ بۇلتۇر دېكابىردا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئىشچىلار ئىسيانىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف مەزكۇر سوت ھۆكۈمى ھەققىدە بايان قىلىپ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى سوت ھۆكۈمىنىڭ سىياسىي بىر ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى، سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمنىڭ نازاربايېف تەرىپىدىن بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرىمۇ، ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ۋەقەنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۆچ خىل كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن كېلىپ چىقتى دېگەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر بىز توربېتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. يەنە بەز كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلاشقانسېرى، خىتاينىڭ سىياسىي ھاۋاسىنىڭمۇ قازاقىستانغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.